بۇ سانلىق مەلۇماتنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزگەن ئافغانىستان مەسىلىسىگە ئائىت يىغىنىدا رۇسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ھېسابلانغان سىمىرنوف دوكلات قىلغان بولۇپ، ئۇ شاڭخەي تەشكىلاتىغا ئەزا مەملىكەتلەرنىڭ خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىشلىرىغا زىچ ھەمكارلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان خىتاي بىلەن ئاتالمىش" ئۈچ خىل كۈچلەر"گە زەربە بېرىشتا ئىزچىل ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئاساس قىلغان سىياسىي پائالىيەتلىرىگە چەك قويغانلىقى مەلۇم.
