ئىمانئالىيېفنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئافغانىستان توقۇنۇشى ۋە پاكىستان بىلەن ئىراننىڭ ئەزالىقى بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئويلىشىدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلە بولۇپ قالىدىكەن.
ئىمانئالىيېف "ئافغان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نۆۋەتتىكى يەر شارى ۋەزىيىتىدە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە" دەپ تەكىتلىگەن بولۇپ، شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر ئافغان توقۇنۇشىنىڭ قوشنا ئەللەرگە كېڭىيىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر ئافغانىستان مەسىلىسىگە ئىقتىسادى ۋە ئېنىرگىيە ياردىمى جەھەتلەردىن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ،" دېگەن.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەزا دۆلەتلەر ئىران ۋە پاكىستاننىڭ ئەزالىق ئىلتىماسى ئۈستىدىن باھالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، يېڭى ئەزالارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئىمانئالىيېف، ئىسلامئاباد بىلەن تېھراننى ئەزالىققا قوبۇل قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدىن قاچان قارار چىقىلىرىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نېمە دېمىگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەزى ئانالىزچىلار "ئەگەر ئىران بىلەن پاكىستان بۇ تەشكىلاتقا قوبۇل قىلىنسا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتايغا قوشنا ئەللەردىن كېلىدىغان تېررورلۇق تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش فونكىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى 6 دۆلەت بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتىكەن.
