شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلىرىنىڭ بېيجىڭ يىغىنى ئافغانىستان ۋە 'تېررورلۇق'نى مۇزاكىرە قىلىدىكەن

خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنى ئافغانىستان ۋەزىيىتى، رايوندىكى "تېررورلۇق"، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە تەشكىللىك جىنايى ھەرىكەتلەر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ گۇاڭيا جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭغا كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ گۇاڭيا "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئافغانىستانغا قوشنا، شۇڭا بىز ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى كۆرۈشنى خالايمىز" دېگەن.

شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنى ئامېرىكا خەلقى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئافغانىستاندا قوشۇن كۆپەيتىش پىلانىنى جىددىي بەس ‏ - مۇنازىرە قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېچىلىپلا قالماي يەنە، ئەل - قائىدە تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشىغا قارشى مۇسۇلمانلارنى خىتايغا قارشى "غازات" ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىلگىرى زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئەل - قائىدەنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى بىر گۇرۇپپىسىنىڭ خىتاي ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش چاقىرىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە، خىتاي شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرگە بېرىدىغان 10 مىليارد دوللار قەرز پۇلنى قانداق تەقسىم قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.