مەلۇم بولۇشىچە، ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يەنە، بۇ يىغىندا كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىش بىرلىكىنى كۈچەيتىش، دۇنياۋى ئىقتىسادىي كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئافغانىستان ۋەزىيىتى، رايوندىكى "تېررورلۇق" ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ۋە تەشكىللىك جىنايى ھەرىكەتلەر قاتارلىق تۈرلەر بويىچە كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان.
يىغىندا يەنە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بېرىلىدىغان 100 مىليارد دوللار قەرزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ۋەدە بەرگەن.
بۇ قېتىملىق يىغىندا رۇسىيە بىلەن خىتايمۇ مۇھىم كېلىشىملەرگە ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇلار ئېنېرگىيە ۋە ھەربىي ساھەدىكى كېلىشىملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنى ئامېرىكا خەلقى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئافغانىستاندا قوشۇن كۆپەيتىش پىلانىنى جىددىي بەس - مۇنازىرە قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېچىلىپلا قالماي يەنە، ئەل - قائىدە تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشىغا قارشى مۇسۇلمانلارنى خىتايغا قارشى "غازات" ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.
