شەرقىي ئاسىيا رەھبەرلىرى يىغىنى تايلاندتا زور قارشىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى

شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى خىتاي، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق 12 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى بۈگۈن تايلاندتا ئېچىلدى. يىغىندا شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارا سودا كېلىشمى ئىمزالاش ئاساسى تېما قىلىندى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، شەرقى ئاسىيا رەھبەرلىرى يىغىنى ئېچىلغان ھامان، تايلاندنىڭ پاتىيا شەھىرىدە 2000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان زور قارشىلىق نامايىش يۈز بەردى.

ياپونىيىدە چىقىدىغان ئاساخى شىنبون گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىغىندا، ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى تارو ئاسو خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ بىلەن كۆرۈشكەن. گەرچە يېقىندا ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە، شىمالى كورىيە ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش ھەققىدە قويغان تەكلىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيە تەرىپىدىن يەنە بىر رەت قىلىش ھوقۇقى ئىشلىتىپ بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تارو ئاسو يەنىلا شىمالى كورىيىگە ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋېن جاباۋبىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۆزلەشكەن.

خەۋەرلەر ئېيتىلىشىچە، شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى 12 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى يەنە ئىككى كۈن داۋام قىلىدۇ. يىغىننىڭ ئاخىرىدا، شىمالى كورىيىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنىدۇ.