بۇ چوڭ ئۇچرۇشۇشقا ئاۋسترالىيە، يېڭى زىللاندىيىلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىمۇ كېلىپ، يىغىننىڭ داغدۇغىسىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقارغان ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ پاتىيادىن خەۋەر قىلىشىچە، ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ چوڭ ئۇچرۇشۇشى تايلانتتا داۋام قىلىۋاتقاندا، بۇ يىغىنغا قارشى تۇرۇدىغان نامايىش باستۇرۇشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئەۋج ئالغان.
'مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش دېموكراتىيە ئىتتىپاقى' دېگەن تەشكىلاتنىڭ نامايىشچىلىرى بۈگۈن ھەشەمەتلىك يىغىن زالىغا بۆسۈپ كېرىپ، قولىدىكى ئېلىكترونلۇق ئەسۋاپلار بىلەن 'چاۋاك - ئالقىش' ساداسى ياڭرىتىپ، بۇ ھەشەمەتلىك يىغىننىڭ مۇزاكىرىسىنى بۇزىۋەتكەن.
يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دۆلەت باشلىقلىرى پات - پاراق بولغاندا، نامايىشچىلار يىغىن زالىدىكى سۆھبەت ئۈستەللىرىنى ئۆرۈۋەتكەن، زالنىڭ ئىشىك - دەرىزىلىرىنى چېقىۋەتكەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تايلانت دائىرىلىرى جىددي ھالەت ئېلان قىلىپ يىغىننى ئەمەلدىن قالدۇرغان.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ بۇ چوڭ يىغىنى باشلانغان ھامان، پاتىيا شەھىرىدە 1000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان زور قارشىلىق نامايىش يۈز بەرگەن. تايلانت دائىرىلىرى بۇ ھەشەمەتلىك يىغىننى زور كۈچ بىلەن قوغدىغان.
تايلانت ساقچىلىرى مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش شۇئارىنى توۋلاۋاتقان قىزىل كېيىملىك نامايىشچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ تۇرغان. بۇ يىغىنغا قارشى تۇرۇدىغان نامايىش بارغانسىرى ئەۋج ئېلىپ، يىغىندا خىتاينىڭ شەرقى ئاسىيا دۆەلەتلىرى ئىتتىپاقىغا مەبلەغ سېلىش پىلانىنى تەستىقلاپ كېلىشىم ئىمزالاشقا تەسىر يەتكۈزگەن. خىتاي ئۆز پىلانى بۇيىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى 2010 - يىلىدا دۇنيا بۇيىچە ئىككىنجى چوڭ ئەركىن سودا رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى بولغان ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 'مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش دېموكراتىيە ئىتتىپاقى' دېگەن تەشكىلات ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنى بۇزۇۋەتكەن ھامان، ۋېن جاباۋ خىتايغا قايتقان.
