تۈركىيىنىڭ ئەرزىنجان شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى

تۈركىيىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئەرزىنجان شەھىرىدە بۈگۈن " شەرقىي تۈركىستاندا نېمە بولۇۋاتىدۇ؟" تېمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

يىغىن ئەرزىنجان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىندا تارىخ كۇلۇبى باشلىقى دوكتور ئېرول قايا ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت ئۇيغۇر رايونىنىڭ تارىخى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

يىغىنغا مەكتەپ مۇدىرلىرى، ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشقان. يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئەڭ قىزىققان نوقتىسى بىردەك ئۈرۈمچى ۋەقەسى، ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۈرۈمچىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بولغان. ئۇلار بۇ ھەقتە نۇرغۇن سوئاللارنى سورىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەرزىنجان ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسىدىكى پۈتۈن مىللەت ۋە رايونلارنىڭ مەسىلىلىرى تونۇشتۇرۇلىدىغان بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلارنى بۇندىن كېيىن ئايدا بىر قېتىم ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بىرىنچى قېتىملىقىنى ئۇيغۇر مەسىلىسگە ئايرىغان ئىكەن.