ئارىلىقتا يۈز بەرگەن كېلىشەلمەسلىكلەر سەۋەبىدىن، شىمالىي كورىيە 6 تەرەپ سۆھبىتىگە تەكرار قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم بۇ يىل ئاپرىل ۋە ماي ئايلىرىدا 2 قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان ئىدى.
شىمالىي كورىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆزلىشىش تەكلىپى ئۇنىڭ 6 تەرەپ سۆھبىتىگە تەكرار قېتىلىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق سىگنالى دەپ قارالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە رەھبىرى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، شىمالىي كورىيىنىڭ 6 تەرەپ سۆھبىتىگە قېتىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسىدىكى ئىلگىرىلەشكە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۈگۈن ۋاشىنگتون شىمالىي كورىيىنىڭ تەكلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ سۆھبەتكە ھەر ۋاقىت ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، ئەمما شەرتىنىڭ كورىيە ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تامامەن تازىلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تەرەپ يەنە شىمالىي كورىيە بىلەن سۆزلىشىشنى 6 تەرەپ سۆھبىتىنىڭ بىر ھالقىسى سۈپىتىدە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
