بۈگۈن چىقىرىلغان ھۆكۈم ئۇنىڭ ھەدىسى شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ستوكھولىمدىن بايان قىلىشىچە، ئادىل ھاكىمجان خىتايدا ئاز سانلىق مىللەت' دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئەزاسى. ئۇ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئافغانىستانغا قېچىپ كەتكەن. كېيىن، پاكىستانلىقلار تەرىپىدىن ئامېرىكا تېررورچى دەپ تىزىملىككە ئالغان تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى' دەپ تۇتۇپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىغا قارشى جەڭ قىلغان سولدات' دېگەن نام بىلەن ئامېرىكىنىڭ گۇنەنتانامودىكى تۈرمىسىگە قامالغان. ئۇ گۇئەنتانامودا ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى جەڭ قىلغان ئەسكەر ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا سوتىمۇ 2006 - يىلى 'ئامېرىكىغا قارشى جەڭ قىلغان ئەسكەر ئەمەس' دەپ ھۆكۈم چىقارغان.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئۆزىدىن باشقا 4 ۋەتەندېشى بىلەن بىللە، ئەينى ۋاقىتتا گۇنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىردىنبىر دۆلەت - - ئالبانىيىگە كېلىپ پاناھلانغان ئىدى.
