ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىنىڭ مەزكۇر توپقا تۇتۇشى نەتىجىسىدە 378 پۇقرا ئۆلگەن ۋە 1122 ئادەم يارىلانغان.
سرىلانكا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ بۇ ھۇجۇمى 9 - چىسلا كېچىدىن تارتىپ يەكشەنبە كۈنىگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىگە يول قويمىغان.
توقۇنۇش يۈز بەرگەن جايدىكى ئىككى ۋاقىتلىق دوختۇرخانا مۇنچىۋالا كۆپ يارىدارنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئامالسىز قالغان بولۇپ، ھەتتا دوختۇرخانىلارنىڭمۇ بومباردىمانغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ پەيدا بولغان. بىراق، سىرىلانكا ھەربىي تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇنى تايمىر يولۋاسلىرى تەشكىلاتىنىڭ "سىياسىي تەشۋىقاتى" دەپ كۆرسىتىپ، بۇنداق خىلدىكى بومباردىمان بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تايمىر يولۋاسلىرىنىڭ تايمىرلار رايونىنى سىرىلانكىدىن ئايرىپ مۇستەقىل قىلىش كۈرىشى 1980 - يىللاردىن ئېتىبارەن داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئاخىرقى بىر قانچە يىل ئىچىدە تېخىمۇ جىددىيلەشكەن، تېخى يېقىندىلا تايمىر يولۋاسلىرى ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خەلقارانىڭ دىققىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.
