ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىرىلانكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تامىر يولۋاسلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى ئېتىراپ قىلماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ توقۇنۇش رايونىدىكى بارلىق پۇقرالارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
تامىر يولۋاسلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، سىرىلانكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش رايونىدىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئاچارچىلىق قاتارلىق ئاپەتكە ئۇچراۋاتقان خەلقلەرگە كېلىدىغان ياردەملەرنى قامال قىلىۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى دەپ ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
25 - ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا ئاق سارىيى سىرىلانكا ھۆكۈمىتى ۋە تامىر يولۋاسلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى، شۇ ئارقىلىق سىرىلانكىدىكى ئۇرۇش يۈز بېرىۋاتقان رايوندىكى پۇقرالارنىڭ مەزكۇر رايوندىن ئايرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى بولسا، ئۇنىڭ ئالدىدا تامىر يولۋاسلىرىنى قورال تاشلاشقا چاقىرغان ئىدى.
تامىر يولۋاسلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىرىلانكا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلماقتا.
