ستالىننىڭ ھەيكىلىنى ئېلىۋېتىش تالاش - تارتىش قىلىنماقتا

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى يوسىف ستالىننىڭ ھەيكىلىنى ئېلىۋېتىش مەسىلىسىگە ئائىت تالاش - تارتىش بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ يۇرتى گرۇزىيىنىڭ گورى شەھىرىدە داۋاملاشماقتا.

ستالىننىڭ ھەيكىلىنى بۈگۈنكى كۈنلەردە رۇسىيىنىڭ ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ھەر قانداق يېرىدىن تاپقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ستالىننىڭ تۇغۇلغان شەھىرىدە ئۇنىڭ ھەيكىلى يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

ستالىننىڭ مىللىتى گرۇزىن بولۇپ، ئۇ گرۇزىيىنىڭ گورى شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ئىدى. ستالىن دەۋرىدە بۇ شەھەر ئالاھىدە ئۇلۇغلىنىپ، شەھەر مەركىزىگە ستالىننىڭ چوڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان، بىر قانچە كوچىغا ستالىن نامى بېرىلگەن ۋە ستالىن نامىدا مۇزېي تەسىس قىلىنىپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ئادەم بۇ شەھەرنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن ئىدى.

خرۇشېۋ دەۋرىدە ستالىن تەنقىدلىنىپ، كېيىن ئۇنىڭ ھەيكەللىرى ئېلىۋىتىلگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندە بولسا، ستالىننىڭ سوۋېت خەلقىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن جىنايى قىلمىشلىرى پاش بولۇپ، ئۇ 20 - ئەسىردە ئۆتكەن ئەڭ ۋەھشى دىكتاتورلار قاتارىدا سانالغان ئىدى.

ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىر قىسىم ياشلار گورى شەھىرىدىكى ستالىن ھەيكىلى يېنىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن بۇ ھەيكەلنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ستالىننىڭ گەرچە گرۇزىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ گرۇزىن خەلقىغە ھېچقانداق ياخشىلىق ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلىشقان.

خەۋەرلەردە يېزىلىشىچە، بۇ ھەرىكەتنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئۆتكەن يىلىدىكى پۇتىن ۋە مېدۋېدېۋنىڭ گرۇزىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ستالىننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەزىل قىلمىشلىرىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكەن.

ئۇلار يەنە بۇ ستالىننىڭ ھەيكىلىنىڭ ئورنىغا گرۇزىيە - رۇسىيە ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلار ئۈچۈن ھەيكەل ئورنىتىش كېرەك دەپ ھېسابلايدىكەن. ئەمما، گرۇزىيىدىكى كوممۇنىستلار بولسا، ستالىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىر ئىمپېرىيىنىڭ قۇرغۇچىسى، ستالىن دەۋرىدە ئىشسىزلىق بولمىغان، ھەممە ئادەم باراۋەر پۇرسەتلەرگە ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە گورى شەھىرى ئۇنىڭ يۇرتى، شۇڭا ئۇنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ دەپ قارايدىكەن.