بۇ ئەرەب بىرلەشمىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئەلچىسى كوفىي ئاننان بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان تىنچلىق پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مەزكۇر پىلان 12 - ئاپرېلدىن باشلاپ كۈچە ئىگە قىلىنغان ئىدى.
پىلاندا يەنە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قىلىشىنى توختىتىشى ۋە ھومس قاتارلىق شەھەرلەردىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەسەد ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە كۆپ ئىلگىرىلەش ياسىمىغان.
ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب ئەللىرى تىنچلىق پىلانىنىڭ ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، سۈرىيىگە قارىتا باشقا تەدبىر ئېلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
