بۇ بەشەر ئەسەدنىڭ بۇلتۇر 12-ئايدىن باشلاپ تۇنجى قېتىم بىر چەتئەل تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسەد بۇلتۇر 3-ئايدىن باشلاپ نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ب د ت بۇ جەرياندا ئۆلگەن كىشىنىڭ 9000 دىن ئاشدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما بەشەر ئەسەد سۆزىدە سۈرىيىلىك نامايىشچىلارنى «چەتئەلگە پۇلغا سېتىلغان ئەسكەرلەر» دەپ ئاتىغاندىن باشقا «ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تېخىچە ھايات، بىز ئۇلارنى قولغا چۈشۈرۈپ، دۇنياغا كۆرسىتىشكە تەييارلىنىۋاتىمىز» دېگەن. ئۇ يەنە قوشنا دۆلەتلەرنىمۇ سۈرىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان.
ب د ت نىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى جازالاش تەدبىرى خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ قارشى ئاۋازى بىلەن ئەمەلدىن قالغاندىن كېيىن، گەرچە رايونغا 200 دەك كۆزەتكۈچى ھەيئەت ئەۋەتىلگەن ۋە ئالاھىدە ئەلچى ئاننان ئوتتۇرىدا يول ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ سۈرىيىدىكى شىددەت ۋەقەلىرىنى توختىتىشتا ئانچە ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. ھازىر سۈرىيىدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەلىرى ۋە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى داۋام قىلغاندىن سىرت، ھەتتا ئۇ يەرگە ئەۋەتىلگەن كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغان ئەھۋاللار سادىر بولدى.
