تاجىكىستانلىقلار رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇۋېلىشتىن ئەندىشە قىلماقتا

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بىشكەكنىڭ يېنىدىكى ماناس ھەربىي بازىسىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك ئىنكاسلار پەيدا بولدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تاجىكىستان رەھبىرى ئېمامەلى راخمان ئامېرىكا ۋە ناتو ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ئۆز زېمىنى ئارقىلىق تەمىنات يەتكۈزۈشكە ماقۇللۇق بىلدۈرۈدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئەگەردە بىشكەكتىكى بازا تاقالسا، تاجىكىستاندا ناتونىڭ ھەربىي بازىسى قۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى بارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمامەلى راخمان بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ بىلەن سۆھبەتلىشىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن بولۇپ، تەھلىلچىلەر بۇنىڭ تاجىكىستان رەھبىرىنىڭ رۇسىيىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتى ۋە باشقىلارغا نىسبەتەن ئانچە ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولمايۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تاجىكىستان مەتبۇئاتلىرىدا يەنە تۈرلۈك ئىنكاسلار كۆرۈلگەن بولۇپ، سابىق تاجىكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە ھازىرقى پارلامېنت ئەزاسى ھاجى ئەكبەر تۇراخوجازادە ئاتاقلىق گېزىتلاردىن بىرى "فاراج" دا سۆھبەت بايان قىلىپ، تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنى رۇسىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بۇزۇۋالماسلىققا چاقىردى. ئۇ، ئەگەردە تاجىكىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلسا، تاجىكىستانغا كۆپ زىيان كېلىدىغانلىقىنى شەرھىلىدى ۋە "رۇسىيە بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىمىز بىزنىڭ دۆلەت مەنپەئەتلىرىمىزگە ئۇيغۇن دەپ" قەتئىي تۈردە جاكارلىدى.

قىرغىزىستان ئامېرىكا بازىسىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ ئەكسىچە تاجىكىستان ئۆز زېمىنىنى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي تەمىنات يەتكۈزۈشىدە پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلدىغانلىقىنى جاكارلىغان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن مەشھۇر تاجىك ئەربابىنىڭ پىكىرلىرى رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىندى.