تاجىكىستاندا تۈرمىدىن قاچقان 25 كىشىنىڭ بىرى تۇتۇلدى

تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكەن ھەپتە تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن 25 كىشىدىن بىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاجىكىستان ئاخبارات ۋاستىلىرى 25 كىشىنىڭ تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسىنى پىلانلىغان كىشى ئىبراھىم نەسرىدىنوفنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئېيتىلىشىچە، ئۇ، پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە دۈشەنبىگە يېقىن ۋاھدات ناھىيىسىدە تۇتۇلغان بولۇپ، ھازىر ئۇ سوراققا تارتىلماقتا ئىكەن.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بۈگۈن تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ھايرىدىن ئابدۇرېھىموفنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىغان. ئۇنىڭ ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تاجىكىستاندا 23 - ئاۋغۇست كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدە 25 تۇتقۇن تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن ئىدى. ۋەقە بولۇپ ئارىدىن 10 كۈندەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، قاچقۇنلارنىڭ تېخىچە ئىز - دېرىكى بولمىغان.

بۇ مەھكۇملار يېقىندا تاجىك سوتى تەرىپىدىن "ئىچكى ئۇرۇشتىكى گۇرۇپپىلاردىن تاجىك ئۆكتىچى مىرزا زىيايېفنىڭ قوراللىق تەشكىلاتىغا ئەزا" دېگەن ھۆكۈم بىلەن 30 يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان. تاجىك خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى قاچقۇنلارنىڭ تاجىكىستاننىڭ شەرقىدىكى راشىت ۋادىسى تەرەپكە كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.