مەزكۇر كۆرسەتكۈچ، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مۇئەسسەسەلىرى ۋە ئاپەتكە قارشى ھازىرلىق دەرىجىسى، شەھەر رايونىنىڭ كېڭىيىشى ۋە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئادەملەر سانى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىلگەن.
" ئۆلۈم خەتىرى كۆرسەتكۈچى" ناملىق دوكلات، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەبىئىي ئاپەتنى كېمەيتىش خەلقئارا ئىستراتېگىيە ئورگىنى تەرىپىدىن چاقىرىلغان 4 كۈنلۈك يىغىندىن كېيىن، 15 - ئىيۇن جەنۋە شەھىرىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا يۇقىرىقى دۆلەتلەردىن باشقا يەنە، كولومبىيە، بېنگال،فىجى، دومىنىكا ۋە بېرما قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ تەبىئىي ئاپەتلەردە زور تۈركۈمدە ئادەم قىرىلىپ كىتىش خەۋپىدىكى دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلغان.
يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە، خىتاي، ھىندىستان، بېنگال ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق نوپۇسى كۆپ 4 دۆلەت تەبىئىي ئاپەتلەردە ئادەم مۇتلەق كۆپ قىرىلىپ كېتىش خەتىرىدىكى دۆلەتلەر كاتېگورىيىسىگە تىزىلغان.
