نەتىجىدە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭنى زىيادە خاپا قىلماسلىق ئۈچۈن سەزگۈر قوراللارنى سېتىپ بېرىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بايان قىلغان؛ يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، تەيپېينىڭ بېيجىڭ بىلەن تىجارىي مۇناسىۋەتلىرىنى زەخمىلەندۈرمەسلىك ئۈچۈن سەزگۈر قوراللارنى سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى تەخمىن قىلغان ئىدى.
بۈگۈن تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى يۇقىرىقى تەخمىنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلغان ؛ ئۇ سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە F - 16C تىپلىق ئۇرۇشچى ئايروپلانلارنى، تەيۋەننىڭ سېتىۋېلىشتىن، ئامېرىكىنىڭ سېتىپ بېرىشتىن ھېچقاچان ۋاز كەچمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، بۇ تۈردىكى قوراللار سودىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن ئەھدىنامىسىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەكرارلىغان.
ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي مەزكۇر پىلاننىڭ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئېغىر زەخمىلەندۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى؛ ئامېرىكا بولسا، مەزكۇر پىلاننىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىككى قىرغاقنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
