تەيۋەن 600 كىلومېتىر مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

14 - ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى، تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىگە زەربە بېرەلەيدىغان زور كۆلەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى.

مەزكۇر سىناق، خىتاي دۆلەت بايرىمىدا ئۆتكۈزگەن ھەربىي پاراتتىن ئىككى ھەپتە كېيىن ئېلىپ بېرىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيۋەن ئاخباراتلىرىدىن نەقىل قىلىشىچە، سىناق تەيۋەننىڭ جەنوبىي قىسمىغا جايلاشقان چۈيپىڭ ھەربىي بازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. سىناقنى كۆرۈشكە تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇمۇ قاتناشقان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەت 600 كىلومېتىر مۇساپىلىك شيۇڭفېڭ ( دەھشەتلىك بوران) 2E تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بومبىلار يەر يۈزىدىن ۋە سۇدىن قويۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر بۇلارنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبىي خىتاي ۋە خوڭكوڭغا جايلاشقان مۇھىم ھەربىي بازارلىرىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.