تەيۋەنلىكلەر تەيۋەننىڭ ئامېرىكا ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى زېمىن ئىكەنلىكىنى ئەرز قىلىدىكەن

تەيۋەندىكى "فورمۇز قانۇن دۆلىتى قۇرۇش جەمئىيىتى" ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرزى سۇنۇپ، تەيۋەننىڭ ئامېرىكا ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى زېمىن ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئەرزىدارلارنىڭ ئەرزى تەيۋەننىڭ جياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيىگە قېتىۋېلىنىشى، 2 ‏ - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا ئورنى، ئىگىلىك ھوقۇق تەۋەلىكى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىىدىكى ئاخىرقى پوزىتسىيىسىگە ئائىت نىگىزلىك مەسىلىلەرگە چېتىلىدىكەن.

ئەرزىدارلار 2 ‏ - دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن تەيۋەننىڭ ياپونىيە زېمىنى ئىكەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيىدىكى ئىشغالىيەتچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى ئامېرىكا ئىشغالىيىتىدىكى رايون، دەپ ئېلان قىلىپ، ھىمايىسىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. " فورمۇز قانۇن دۆلىتى قۇرۇش" جەمئىيىتى ئىلگىرى ئامېرىكا يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىپ، بۇ مەسىلىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋوكاتى سوتتا بۇ مەسىلىنىڭ بىر سىياسى مەسىلە ئىكەنلىكىنى، گەرچە ئامېرىكا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيىدىكى ئىشغالىيەتچى دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن سان - فرانسىسكو كېلىشىمىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى ئاساسلىق ئىشغالىيەتچى دۆلەت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەرزنامىدە تەيۋەنلىكلەرنىڭ تەۋەلىكسىز قېلىشى سىياسى مەسىلە ئەمەس، بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر، دېگەن. مەزكۇر ئەرزنى سۇنغۇچى داۋاگەرلەردىن "فورمۇز قانۇن دۆلىتى قۇرۇش جەمئىيىتى"دىكى لىن جىشىڭ، ئەرزنامىنىڭ كېلەر ھەپتە ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.