سەرگەردان تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان يازما باياناتىغا قارىغاندا، ئۆزىگە ئوت قويۇپ قارشىلىق بىلدۈرگەن بۇ راھىبنىڭ ئىسمى لوبساڭ تسۇلترىم بولۇپ، ئۇ ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدىكى كىرتى ئىبادەتخانىسىدا ئۆزىگە ئوت قويغان.
كېيىن ساقچىلار ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئۇنى ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ كەتكەن. ھالبۇكى، ئابا دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى رەت قىلغان.
ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە 30 غا يېقىن تىبەت راھىبى ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە دۇنيانىڭ دىققىتى جەلپ قىلغان ئىدى.
