12 نەپەر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى خۇ جىڭتاۋنى مۇخبىرلارنىڭ تىبەتكە كىرىشىگە يول قويۇشقا چاقىردى

12 نەپەر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئۇچۇق خەت يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مۇخبىرلارنىڭ تىبەتكە كىرىشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر خەت تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ھىندىستان زىيارىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشى، ھەم خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى چەكلىمىلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يېڭى دېھلىدا ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋالغان تىبەت راھىبىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىمۇ ئۆتكەن پەيشەنبە, 29 - مارت كۈنى تىبەت ھەققىدە قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان. كېڭەش پالاتاسىنىڭ قارار لايىھىسىدە، خىتاي 2008 - يىلدىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان «دىننى كونترول قىلىش بەلگىلىمىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» قا ۋە دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يەنە، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىش، تىنچ نامايىشچىلارنى قورقۇتۇش، ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

بۇلتۇردىن بۇيان تىبەتتە داۋاملىشىۋاتقان تىبەت راھىپلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل چەكلىمىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى ھەمدە بۇلتۇر 7 - ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان خىتاي ساقچى - پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى، نۆۋەتتە تىبەت ھەم ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ خەلقارانىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىشىغا سەۋەپ بولماقتا.