4 - فېۋرال خىتاي دائىرىلىرى تىبەت رايونلىرىدا ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

4 - فېۋرال خىتاي دائىرىلىرى تىبەت رايونلىرىدا ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى تىبەتلەر نامايىش قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرى تىبەت نامايىشچىلارنىڭ ساقچى بىناسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، نەتىجىدە ئىككى تىبەتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

ھالبۇكى، تىبەت تەشكىلاتلىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تىنچ يوسۇندىكى نامايىشنىڭ قوراللىق باستۇرۇلغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا 3 تىبەتنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دا نەقىل قىلىشىچە، گەنزى ئوبلاستىدىكى ساقچى باشلىقى ساقچىلارنىڭ نامايىشنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن دەسلەپتە يۇقىرى بېسىملىق سۇ ۋە رېزىنكە ئوقلارنى ئىشلەتكەنلىكى، ئەمما بۇلارنىڭ كار قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە ساقچىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، نامايىش پارتلىغاندىن كېيىن نامايىش مەيدانىنىڭ 50 كىلومېتىر دائىرىسىدە بارلىق ئىنتېرنېت، تېلېفون ئالاقىسى ۋە يانفون سىگناللىرى ئۈزۈپ تاشلانغان

ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە تىبەت رايونلىرىدا ئاز دېگەندە 16 تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ خەلقئارا جامائەتنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

خىتاي 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە 10 ئايغا يېقىن تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى چەكلىگەن ئىدى.