يەنە ئۈچ تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇپ، تىبەتلەرگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى

رادىئومىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3 - فەۋرال كۈنى سىچۇئەننىڭ گەنزى رايونىنىڭ سېدا ناھىيىسىدە تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ھەرىكىتى يەنە ئۈچ راھىبنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىشى بىلەن ئىپادىلەندى.

0:00 / 0:00

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزلىرىگە ئوت قويغان مەزكۇر ئۈچ راھىبنىڭ بىرى ئۆلگەن، ئىككىسى ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلانغان. 60 ياشتىكى ساپساي سېرىڭ بىلەن 30 ياشتىكى كيارېل ئىسىملىك راھىبلار يارىلانغان. ئۇلار تىبەتلەرگە ئەركىنلىك، دالاي لاما قايتىپ كەلسۇن دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان ئىكەن.

بۈگۈن شىتابى نورۋېگىيىدىكى تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينىڭ سېدا ناھىيىسىدىكى كونتروللۇقنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ھېسابلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 3 - ئايدىن بۇيان 19 راھىب ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ئارقىلىق تىبەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.