فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، فۇجى تېغىنى تاۋاپ قىلغان لھاكپا تشوكو: " بۈگۈنكى كۈنىدە خىتايدا مەسىلە ئىنتايىن كۆپ. مەسىلە تىبەتتىلا ئەمەس بەلكى شىنجاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلدىمۇ بار" دېدى.
لھاكپا تشوكو، تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ياپونىيە ۋە شەرقىي ئاسىيا ۋەكىلى. ئۇ، خىتايدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ يەنە: "بىز تارتىۋاتقان ئازاب - ئوقۇبەتلەرنىڭ ماھىيىتى ئوخشاش. شۇڭا مەن ئاشۇ جايلاردىكى ئاكا - ئۇكا، ھەدە سىڭىللىرىمىزغىمۇ دۇئا قىلىمەن" دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، شەنبە كۈن فۇجى تېغىدا ئېلىپ بېرىلغان تىلاۋەت پائالىيىتىگە، تىبەت، موڭغۇل ۋە ياپونلار بولۇپ 50 كە يېقىن ئادەم قاتناشقان.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى باستۇرۇلغاندىن كىيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىبەتلەرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوز نارازىلىقىنى ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.
