تىبەت يازغۇچىسى تۇتۇپ كېتىلدى

سىچۇئەن ئۆلكىسىدىكى تىبەتلەر ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان، تونۇلغان تىبەت يازغۇچىسى درۇبپا كيابنىڭ 15 - فېۋرال كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى رادىئومىز تىبەت بۆلۈمى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بۈگۈن بىر قىسىم خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتتى.

33 ياشلىق تىبەت يازغۇچىسى درۇبپا كياب 15 - فېۋرال كۈنى كېچىدە 20 نەچچە ساقچى خادىمى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ھەمدە ساقچىلار ئۇنىڭ ئايالىغا «بىزنىڭ پەقەت بىلەن سۆزلىشىدىغان گېپىمىز بار» دەپلا قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.

شەنبە كۈنى سىچۇئەننىڭ تىبەتلەر رايونىدا يەنە بىر راھىب ئۆزىگە ئوت قويۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئۆزىگە ئوت قويۇش ئارقىلىق نارازىلىق ئىپادىلىگەن تىبەتلەرنىڭ سانى 20 دىن ئاشقان.

ھازىرچە تىبەت يازغۇچىسىنىڭ قانداق سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىزاھلانمىغان، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى چەتئەللەردىكى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم بۆلگۈنچىلەرنىڭ قۇترىتىشىدىن كېلىپ چىققان دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى.