ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە 30-ئاپرېل كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسى سىشى شەھىرىدىكى 25 ياشلىق قىز-ئوغۇل شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە قاۋاقخانىدىن چىقىپ، مەست ھالدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ۋە 68 ياشلىق موماينى سوقۇۋەتكەن.
كېيىن ئۇلار ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرگە موماينى دوختۇرخانىغا ئاپىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇپ، ئۇنى ئاپتوموبىلىغا سېلىپ ئەكەتكەن. ئەمما ئۇلار موماينى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنىڭ ئورنىغا بىر قۇرۇلۇش مەيدانىغا ئاپىرىپ كۆمۈۋېتىپ قېچىپ كەتكەن.
ساقچى دائىرىلىرى بۇ موماي كۆمۈۋېتىلگەندە تېخى ھاياتلىقىنى، ئەمما بۇ ئىككى ياشنىڭ بۇنى بىلىپ تۇرۇپ قىلغانلىقى ياكى ئۇنى ئۆلدى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن كۆمگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تەكشۈرۈشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقە ھازىر خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئىنسانىي ئەخلاق مەسىلىسى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم قاتتىق غۇلغۇلا ياراتقان. بېزىلەر ۋەقەنى خىتايدىكى ئەخلاقىي كرىزىسنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسەتسە، يەنە بېزىلەر ئۇنى قانۇن-تۈزۈمنىڭ بوشلۇقى دەپ قارىغان.
2011-يىلى ئۆكتەبىردە گۇاڭدۇڭنىڭ فوشەن شەھىرىدە بىر شوپۇر 2 ياشلىق قىزنى سوقۇۋېتىپ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ كىچىك قىزنىڭ قانغا مىلىنىپ ياتقان ھالىنى كۆرگەن 17 كىشىنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىغان. بۇ ۋەقەمۇ ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارادا زور ئىنكاس ياراتقان ئىدى.
