توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

پەيشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.05.17

نامايىشقا 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان 120 ۋەكىلدىن سىرت، ياپون پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ياپون دوستلاردىن بولۇپ جەمئىي 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى، ئۇيغۇرلارغا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىدىغان لوزۇنكىلارنى ۋە شۇنداقلا 5-ئىيۇل ۋە ئۇنىڭ ئالدى ‏-كەينىدە قولغا ئېلىنىپ تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، بۇ زور نامايىشچىلار قوشۇنى ياپون ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا خىتاي ئەلچىخانىسىغا بارغىچە توكيو كوچىلىرىدا شوئار توۋلاپ ماڭدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئەلچىخانا ئالدىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

نامايىشقا ياپون خەلقى ۋە مۇخبىرلار ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ھەرقايسى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى نامايىشىنى نەق مەيداندىن خەۋەر قىلدى.

بۇنىڭ بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك يىغىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشقان بولدى. ئەتىدىن باشلاپ، ۋەكىللەرنى دېموكراتىيە بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى باشلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.