تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى، 1992 - يىلىدىن بېرى سوۋېتلار ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن مۇستەقىل بولغان تۈركىي مىللەت دۆلەتلىرى ئۆز - ئارا مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئورتاق تارىخى مىراسلارنى قېزىپ چىقىرىش، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ئىدى.
يىغىننىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ بىلەن بىر سائەت يېپىق سۆھبەت ئېلىپ بارغان ۋە ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئالىيېۋ بىلەنمۇ ئۇچراشقان.
1992 - يىلى يولغا قويۇلغان بۇ يىغىنغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى، دۆلەت باشلىقلىرى سەۋىيىسىدە يىغىنغا قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقى يىلى تۈركىيىدە ئېچىلغان8 - نۆۋەتلىك تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىغا ئۆزبېكىستان ھېچقانداق ۋەكىل ئەۋەتمىگەن ھەمدە تۈركمەنىستانمۇ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى ئەۋەتكەن ئىدى.
بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ قاتناشمىغانلىقى ئالاھىدە دىققەت تارتتى.
