بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خېللارى خانىم بۇ قېتىم ئەنقەرەدە، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باباجانلار بىلەن ئىراق مەسىلىسى، ئافغانىستان مەسىلىسى، ئىران مەسىلىسى قاتارلىق جەھەتلەردە، بۇ قېتىم ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپا زىيارىتىدە دۇچ كەلگەن قېيىن مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خېللارى خانىم بۈگۈن تۈركىيىدە ئالدى بىلەن پرېزىدېنت باراك ئوباما پات - ئارىدا تۈركىيىنى زىيارەت قىلىدۇ، دەپ جاكارلىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خېللارى خانىم بۇ قېتىم تۈركىيىدىن ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئافغانىستاندا تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ئىناۋىتى يۇقىرى، ناتو قىسىملىرى كۆپۈنچە ھالدا تۈركىيىچە ھەربى فورما بىلەن يۈرسە ئاسانلىقچە ھۇجۇمغا ئۇچرىمايدۇ. ئەمما تۈركىيە خېللارى كلىنتوننىڭ تەكلىپنى قوبۇل قىلىشى ناتايىن.
