تۈركىيە بىلەن ئارمىنىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت داۋاملاشماقتا

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈركىيە بىلەن ئارمىنىيە ئوتتۇرىسىدا بىر يېڭى يول بەلگىسى خاراكتېرلىق مۇھىم كېلىشىم ئىمزالاش ئۈچۈن، شىۋېتسارىيىنىڭ زۇرىك شەھىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ.

بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ماجىرالارنى تۈگۈتۈش، دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش، تاقالغان چېگرالارنى ئېچىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ سۆھبەتتە، پىلان بۇيىچە، بۈگۈن كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى، بۇ مۇراسىمغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېللىرى كلىنتون بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رافلوفلا قاتناشماقچى ئىدى.

ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار يەنىلا مەۋجۇت. تۈنۈگۈن ئارمىنىيە پايتەختى يېرۋاندا مىڭدىن ئارتۇق ئادەم توپلىنىپ، كېلىشم ئىمزالاشقا قارشى نامايىش قىلدى. ئارمىنىيىلىكلەر بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوسمانلىلەرنىڭ مىللى قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان، دېگەن ئەيىبلەش يەنىلا داۋام قىلماقتا.

رۇسىيە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، تۈركىيە بىلەن ئارمىنىيە ئوتتۇرىسىدا زۇرىكتا ئىمزالىنىدىغان كېلىشىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تېكىستى تېخى تەييار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈنكى ئىمزا قويۇش مۇراسىمى يەنە كېچىككەن.