تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى

شەنبە كۈنى تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تاغلىق قارا باغ كرىزىسى تۈپەيلىدىن ئەرمېنىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، چېگرىلىرىنى تاقىغان تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئاخىرى ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ ۋاسىتىچىلىقى بىلەن ئەرمېنىيە بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى كېلىشىمنامە شۋېتسارىيىنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە ئىمزالاندى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋۇتوغلۇ بىلەن ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىر ئوتتۇرىسىدىكى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف ھەمدە فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاتناشقان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئارىلىقتا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەققىدىكى كېلىشىملەرگە ئىمزا قويۇش بىر قانچە سائەت توختاپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى سەۋەب مۇراسىمغا كېتىۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون تۇيۇقسىز مېھمانخانىغا قايتىپ كەتكەن، بىراق كېيىن قايتىپ كېلىپ، مۇراسىمغا قاتناشقان ھەمدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن. ئەمما، مۇراسىمدىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنماسلىق قارار قىلىنغان.

ئەرمېنىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا بىر قىسىم ئەرمەنلەر قارشى تۇرۇپ نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلار ئەنقەرەدىن ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ 1915 - يىلى بىر يېرىم مىليون ئەرمەننى قىرىۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما تۈركىيە بۇنى ھېچقاچان ئېتىراپ قىلغان ئەمەس، بۇ قېتىم بۇ مەسىلە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمىغان.

ئەرمېنىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئۇزۇن چېگرا بار. تۈركىيە ئەزەربەيجاننى قوللاش يۈزىسىدىن چېگرىنى تاقىۋالغاندىن كېيىن، ئەرمېنىيە ئوتتۇرىدا قاپسىلىپ قالغان ھەمدە ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان سىرت بىلەن ئىقتىسادىي - سودا ۋە باشقا ئالاقىلارنى قىلىشتا كۆپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان. ئەرمېنىيە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا بىلەن ئالاقە قىلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولىدىكەن. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن بىر قانچە ۋاقىتلاردىن بۇيان يېپىق شەكىلدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان ئىدى.