تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۇل ۋە ئىراق رەھبەرلىرى سۆزلەشكەن مۇھىم مەسىلە نېمە؟

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ئەنقەرەدىن تارقاتقان خەۋىرىدە، تۈركىيە پرېزىدېنتى دۈشەنبە كۈنى باشلىغان ئىككى كۈنلۈك ئىراق زىيارىتىدە، تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تىجارەت كېلىشىمى ۋە چېگرا ئىشلىرى بويىچە يېڭى بەلگىلىمە تۈزدى، دەپ بايان قىلىنغان ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭدا بايان قىلىشىچە، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۇلنىڭ بۇ قېتىمقى ئىراق زىيارىتى 30 نەچچە يىلدىن بۇيان تۈركىيە بىلەن ئىراق رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۇل بىلەن ئىراق پرېزىدېنتى جالال تالىبانى ۋە ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى ئەل مالىكىلار بۇ قېتىم تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا تەرەققى قىلدۇرىدىغان يېڭى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت تېمىسىدىن باشقا، ئىراقنىڭ شىمالىدا بازا قۇرۇۋېلىپ، تۈركىيىنىڭ جەنۇبىغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ تۇرۇۋاتقان پ ك ك، (ئەسلى نامى كۇردىستان كوممۇنىست پارتىيىسى بولۇپ، كېيىن نامىنى كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن تەشكىلات) مەسىلىسىدە بىۋاستە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتلىك بولدى.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈركىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئىراق زىيارىتى بۈگۈن ئاياقلاشقاندا، پ ك ك ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ 'يا قورالنى تاشلا يا ئىراقتىن چىقىپ كەت' دېگەن شەرتىنى رەت قىلدى.