خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى تۈركىيىگە سېتىپ بېرىشكە قىزىقىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي تەرەپ بىلەن مەزكۇر ساھە بويىچە ھەمكارلىشىشقا ئىنتىلگەنلىكىنى، بىراق نەتىجىدە چىقمىغانلىقىنى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيە تەرەپنىڭ خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئەگىشىپ، مەزكۇر پىلاننىڭ كۈنتەرتىپتىن قالغانلىق ئېھتىماللىقىنى تەھلىل قىلىشماقتا.
باش مىنىستىر تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاينى مىللىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىشىدىن كېيىن، تۈركىيە سودا - سانائەت ساھەسىدە خىتاينىڭ ماللىرىنى ئالماسلىق شۇئارلىرىمۇ مەيدانغا چىققان ئىدى.
