مەلۇم بولۇشىچە، يەر تەۋرەش تۈركىيىنىڭ ئېلازىگ ئۆلكىسىدە ئەتىگەن سائەت 4 تىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن. يەر ئارقىدىن يەنە 5.5 ۋە 5.3 بال ئىككى قېتىم ئۇلاپ تەۋرىگەن بولغاچقا، ئۆلگەن ئادەم سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق ئاپەت مەزكۇر ئۆلكىگە قاراشلىق باش يۇرت كەنتى، يۇقىرىقى تەمىرجى ۋە ئوكجۇلار كەنتلىرىدە يۈز بەرگەن. تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، يەر تەۋرەشتە مەزكۇر كەنتلەر پۈتۈنلەي تۈزلىنىپ كەتكەن.
تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان مەزكۇر رايونلاردىكى تۇرالغۇلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمەسلىكىنى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش شىركەتلىرىگە بۇ ھەقتە يوليورۇقلارنى بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تۈركىيە يەر بىر قەدەر كۆپ تەۋرەپ تۇرىدىغان رايونلارنىڭ بىر بولۇپ، 1999 - يىلدا يۈز بەرگەن يەرتەۋرەشتە 18 مىڭ ئادەم ئۆلگەن ئىدى.
