خىتاي ئۈرۈمچىدە چاغان مەزگىللىك 'مۇقىملىق خىزمىتى'نى تېخىمۇ كۈچەيتكەن

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە چاغان مەزگىللىك مۇقىملىق خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بارغان ۋە بەزى رايونلاردا نوپۇس تىزىملاشنى تەكىتلىگەن بولسا بەزى جايلاردا ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ سومكىلىرىنى ئېچىپ تەكشۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 20 - فېۋرالدىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، تەكشۈرۈش ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى رايونلاردا ئوخشىمىغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان.

يېڭى شەھەر رايونىدا سودا مەركەزلىرى بەزمەخانا قاتارلىق ئورۇنلاردا ئامانلىق قوغدىغۇچىلار كىشىلەرنىڭ سومكىلىرىنى ئېچىپ تەكشۈرگەن. ئەمما خەۋەردە قايسى خىلدىكى كىشىلەرنىڭ سومكىسىنى ئېچىپ تەكشۈرگەنلىكى كۆرسىتىلمىگەن.

تەڭرىتاغ رايونىدا ئامانلىق ساقلاش چارلاش ئەترىتى خېيجاسەن يەنى تاشبۇلاق رايونىدا نوپۇس تەكشۈرۈش ۋە چارلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

سايباغ رايونىغا قاراشلىق يامالىق تېغى، گۈلىستان مەھەللىسى قاتارلىق رايونلارغا كۆپلىگەن ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى كەلگەن.

ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ئاخباراتلىرى خېيجاسەن ۋە يامالىق تېغى مەھەللىسىدە خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ يول توسۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى ۋە ئادەتتىكى ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ بۇ رايوندىكى ئۆيلەرنى ھەپتىدە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.