بۇ خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۈرۈمچىدە جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداشقا ئالاقىدار ئالغان ئەڭ يېڭى تەدبىرلىرىنىڭ بىرى.
چارلاش ئاپتوموبىللىرىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۈن مەزكۇر چارلاش ئاپتوموبىللىرىنىڭ 9 - يانۋاردىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە چارلاشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
يىغىندا يەنە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى جىرالا ھىسامىدىن ئۈرۈمچىدە مەخسۇس 3 - دەرىجىلىك ئامانلىق قوغداش ئەترىتى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە، چارلىغۇچى ئەترەت خادىملىرىنىڭ تىز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مەزكۇر چارلاش ئاپتوموبىللىرىنى چۇڭچىڭ شەرق شامىلى شاۋكاڭ ئاپتوموبىل ھەسسىدارلىق شىركىتى ئىشلەپچىقارغان. بۇ شىركەت، ئۈرۈمچىدە چارلاش ئېلىپ بېرىش ئاپتوموبىللىرىنى رېمونت قىلىش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە مۇقىملىقنى ساقلاش مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىككىنى قۇرغان.
