ئۈرۈمچىدە يەنە 30 كۈنلۈك قوغلاپ تۇتۇش ۋە مۇقىملىق ساقلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلماقچى

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە زور مىقداردا ساقچى ئاجرىتىپ يەنە 30 كۈنلۈك قوغلاپ تۇتۇش ۋە مۇقىملىق ساقلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى جاكارلىدى. شىخۇ ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى چاقىرىق 8 - فېۋرال ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە چاقىرىلغان سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا ئاشكارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھەرىكەتكە 1000 دىن ئارتۇق ساقچى قاتناشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، 10 - يانۋاردىن باشلاپ 30 كۈن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، يىغىندا "پۈتۈن ساقچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، 30 كۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت قوللىنىپ، جىنايى قىلمىشلارغا نەق مەيداندا زەربە بېرىپ، قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش" توغرىسىدا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان. يىغىندا ئۈرۈمچى ج خ ئىدارىسى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ مىڭشەن يوليورۇق بەرگەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى 2009 - يىلى 12 ‏- ئايدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە يەنە " قاتتىق زەربە بېرىپ ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جەمئىيەت ئامانلىقى تۈزەش ۋە قىشلىق ھەرىكەت" قاتارلىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى يولغا قويغان.

بۇ جەرياندا ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى 764 خىل جىنايى ئىشلار دېلوسىنى پاش قىلغان ۋە 3601 خىل جەمئىيەت مۇقىملىقى دېلوسىنى ئېنىقلىغان.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2009 - يىلى 11 - ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا " جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ھەرىكىتى" ياكى "100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" نى باشلىغان ئىدى. ئۈرۈمچىدە 12 - ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ھەرىكەتلەرنىڭ "جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزۈش ھەرىكىتى"گە ئالاقىدار ھەرىكەتلەر ئىكەنلىكى ياكى شۇ خىلدىكى ھەرىكەتكە قوشۇپ ئېلىپ بېرىلغان يېڭى ھەرىكەتلەر ئىكەنلىكى نامەلۇم.

ھالبۇكى، خەۋەردە ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ "100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" تۈگەپلا، يەنە 30 كۈنلۈك يېڭى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.