7 - سېنتەبىر كەچتە ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق يول ئېغىزلىرى توسۇۋېتىلدى

يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق يول ئېغىزلىرىنىڭ توسۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنى 2 - سېنتەبىردىن بېرى ئۈرۈمچىدە ھەر خىل كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان نامايىشلاردىن كېيىن يولغا قويدى.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە يول توسۇش 7 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى كەچتىن، 8 - سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەنگىچە داۋام قىلىدىكەن.

"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن ۋە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆڭكۆۋرۈك قاتارلىق رايونلار قامال قىلىنغان ئىدى.

ھالبۇكى خەۋەردە ئۈرۈمچىدە يۈرگۈزۈلگەن يول توسۇشنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ يەنە قايسى جايلىرىدا يولغا قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىگەن.