خىتاي ئوكۇل سانجىش ۋەقەسى بىلەن 45 ئادەمنى تۇتتى ۋە بىر قىسمىنى رەسمىي ئەيىبلەشكە باشلىدى

ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى، ئوكۇل ھۇجۇمى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك 45 گۇماندارنى تۇتقانلىقىنى ۋە تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدە يەنە تۆت كىشى ئۈستىدىن رەسمىي ئەيىبلەش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىنخۇا ئاخباراتىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تەپتىش دائىرىلىرى 7 - سېنتەبىر كۈنى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇقادىر، ئابدۇراخمان رازاق، ئابدۇقەييۇم ئايۇپ، ئابلىمىت مەمەت ئىسىملىق تۆت ئۇيغۇرنى 3 - سېنتەبىر ئۈرۈمچى شاۋشىمىندىكى يەر ئاستى يولىدا ئوكۇل سانجىش ۋەقەسىنى تۇغدۇرۇش بىلەن ئەيىبلەپ، ساختا خەتەرلىك بويۇم بىلەن جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر دەخلى تەرۇز قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن رەسمىي قولغا ئالغان.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، ساقچى ھەم ھەربىي كۈچلىرى ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ھەمدە قايتا توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەمدە ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى ئارقىلىق يەنىلا ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى مۇقىملاشتى دەپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ،ئەمەلىيەتتە گۇمانلىق ئوكۇل ھۇجۇملىرى يەنىلا ئۈزۈلمەي يۈز بەرمەكتە ئىكەن.

شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ 9 - سېنتەبىر خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا، 6 - سېنتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن، 7 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 5 كىچە بولغان 24 سائەت ئىچىدە ئۈرۈمچىدە يەنە 77 ئادەم ئوكۇل سانجىش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە ئۈرۈمچىدە 500 دىن ئارتۇق ئوكۇل ھۇجۇمىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىدە زەھەرلىنىش ياكى ئېغىر رېئاكسىيە كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما جەمئىيەتتە ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئەمەلدارى دۇ شيەنتاۋ، " ئۈرۈمچىدە گۇمانلىق ئوكۇل ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلار، تېررورلوق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن بىلەن باراۋەر"دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئىككى كۈن ئىلگىرى ئوكۇل ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان جىنايەتچىلەرنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.