خىتاي بۈگۈن يەنە ئۈچ كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى ئوچۇق سوت ئېچىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغانلاردىن يەنە ئۈچ كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئەخمەتجان مۆمىن، زاھىت پازىل ۋە خەن شاۋبو.

بۇ قېتىملىق ئوچۇق سوتتا جەمئىي 11 كىشىگە ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يەنە 3 كىشىگە 2 يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى، 5 كىشىگە بولسا مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ 11 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى " تاش، توقماقلار بىلەن ئادەم يارىلاش، ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاش " قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، جازا ھۆكۈم قىلىنغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئادۋوكات تۇتۇشىغىمۇ يول قويۇلمىغانلىقىنى، سوت باشلىنىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنغۇچە پەقەت 10 مىنۇتلا ۋاقىت كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئادىل سوت سېسىتىمىسىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇ قارارلارنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەپتىنىڭ بېىشىدا 6 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانلارنىڭ سانى 12 نەپەرگە يەتتى.