شىكايەتنامىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ 4 ئۇيغۇرنىڭ ئۈچى ئەر، بىرى ئايال ئىكەن. ساقچىلار بىر قىسىم يىڭنىلەردە خېرويىن بايقىغان ئىكەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە يەرلىك دائىرىلەر يىڭنە بىلەن زەخمىلەندۈرۈلگەن ئادەم سانى 500 دىن ئارتۇق، دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ھەربىي دوختورخانىلار پەقەت 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بەدىنىدىلا يىڭنە بىلەن زەخمىلەنگەن ئىز قالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن 22 ئادەمنىڭ ئاللىقاچان ياللۇقلانغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە جەمئىيەتتە ھازىر بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ ئەنسىزلىك -- يىڭنە تېررورلىقى. بۇنداق ۋەقە بۇرۇن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن ئىدى. خىتايلار ھەتتا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قان داغلىرى بار يىڭنىنى تاۋۇزغا سانجىپ، ئۇنى بازارلاردا سېتىپ، جەمئىيەتتە پاراكەنچىلىك سالغان ۋەقەلەر بايقالغاندىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ كارى بولمىغان ئىدى.
