خىتاي ھازىر ئۈرۈمچىنى داۋاملىق باستۇرۇش ئۈچۈن بەش يۈز مىللىي كادىر تەشكىللىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھازىر، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىدىن چىققان كوممۇنىستلارنىڭ قولى بىلەن باستۇرىدىغان يېڭى شەكىل قوللىنىشقا باشلىدى.

'شىنخۇا ئاگېنتلىقى'نىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 16‏ - ئىيول كۈنى500 نەپەر مىللىي كادىرنى كوئىنلۇن مېھمانخانىسىغا توپلاپ، ئۇلارغا ۋەزىپە تاپشۇرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى تاللىۋالغان مىللىي كادىرلار، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، قاتتىق قول، تەجرىبىلىك دەپ ھېسابلانغان ئۇيغۇر كادىرلار ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى 5 گۇرۇپپىغا ئايرىپ ئۈرۈمچىدىكى 5 رايونغا ئەۋەتكەن.

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىۋالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رەئىسى، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئۇيغۇرلاغا قاراتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللاپ، مىللىي زۇلۇمغا قارشى تۇرۇدىغان ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن دەپ قارايدىغان نۇر بەكرى بۇ بەش يۈز كادىرغا سۆز قىلىپ، ئۇلارنى، خىتاي دۆلىىتى بۆلۈنۈش ياكى بىرلىك مەسىلىسىدە يېڭى رېقابەتكە دۇچ كەلگەن ھازىرقى ھەل قىلغۇچ پەيتتە، مەھەللىمۇ - مەھەللە، كۇچىمۇ - كۇچا، ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ، شەھەر ئاھالىلىرىغا خىتاينىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى تەشۋىق قىلىپ، بۇ جەريانىدا ياخشى ئادەملەرنى قوغداپ، 'يامان ئادەم'لەرنى بىرنىمۇ قالدۇرماي تۇتۇپ خىزمەت كۆرسۈتۈشكە چاقىرغان.