خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلگەن 3000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىلىرى قايتۇرۇپ كېلىندى

نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان، يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلگەن، سېتىلغاندىن كېيىن بالا جىنايەتچىلەرگە ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇر نارسىدە بالا ھەم ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئېغىر مەسىلە بولۇپ كەلگەن ئىدى.

دۈشەنبە كۈنى خىتاي خەۋەر تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە،، ئۇيغۇر ئېلى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى 2006 - يىلىدىن باشلاپ 2008 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلىپ ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىق ۋە باشقا جىنايەتلەرگە مەجبۇرلانغان 3056 نەپەر ياش ئۆسمۈرنى قايتۇرۇپ كەلگەن.

ئادەم بېدىكلىرى، جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ ئائىلىلىرىگە قايتقان بۇ بالىلار ئاساسەن قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇنىڭ نامرات جايلىرىدىن بولۇپ، ھەممىسى دېگىدەك خىتاي ئۆلكىلىرىدە يانچۇقچىلىق، ئوغرىلىققا ئوخشاش جىنايەتلەرگە مەجبۇرلانغان ۋە بۇ جەرياندا روھىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئىنتايىن ئېغىر خورلانغان، زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان.

خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 8 چوڭ ئادەم بېدىكلىرى گۇرۇھى پاش بولغان، 177 نەپەر جىنايەتچى تۇتۇلغان ھەمدە يەنە گۇرۇھلار تەرىپىدىن تۈرلۈك جىنايەتلەرگە مەجبۇرلانغان تېخى قورامىغا يەتمىگەن ياش ئۆسمۈرلەردىن 746 نەپىرى ئائىلىلىرىگە قايتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالدىنىپ، سېتىلىپ بارغاندىن كېيىن جىنايەتلەرگە مەجبۇرلىنىشى ھەمدە ھەق ‏ - ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشى يىللاردىن بېرى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تەنقىدلىنىۋاتقان شۇنداقلا خىتاينىڭ خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتايلىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت ھەق - ھوقۇقلىرى ئېغىر دەخلىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى، ۋەيران بولۇۋاتقان نەچچە مىڭلارچە ئائىلىلەرنى قۇتقۇزۇشقا جىددىي ھەرىكەت قىلمىغانلىقتىن، بىر قانچە يىل ئىلگىرى، بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە سەرسان بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ھەرىكەت قىلغان ئىدى، مەزكۇر ھەرىكەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1990 - يىللاردىن كېيىن خىتاينىڭ، شاڭخەي، بېيجىڭ، گۇاڭجۇ، شىنجىن قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىگە ئالدىنىپ بېرىپ جىنايەتلەرگە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 40 مىڭدىن ئاشىدىكەن.