بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنغان بۇ ئوقۇتقۇچىلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 13 ئوبلاست، ۋىلايەتتىكى 81 ناھىيىدىكى مەكتەپلەرگە سەپلىنىدىغان بولۇپ، ناھىيىلىك مەكتەپلەر شۇنداقلا يېزىلاردىكى مەكتەپلەرگىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. يېزا مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم " قوش تىللىق " بولىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن، غەربنى ئېچىش پىلانىغا قاتناشقان ستۇدېنتلارغا، مۇنەۋۋەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېلىپ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى تولغاندىن كېيىن داۋاملىق ئۇيغۇر ئىلىدە قالغان ئەسكەرلەرنىڭ جۆرىلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىلىرىگە 5 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ئۇيغۇر ئىلىدە، ئەسلىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، خىتاي تىلى سەۋىيىسى تۆۋەن دېگەن باھانىدە ئوقۇتقۇچىلىقتىن قالدۇرۇلۇۋاتقان، ئۇنىۋېرسىتېتنى تۈگەتكەن ستۇدېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىش شارائىتى قىيىن بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتايلارنى ئەكېلىپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى نارازىلىق كەيپىياتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا.
