شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شەنبە كۈنى ئۈرۈمچى، ئىلى، ئالتاي ۋە چۆچەك رايونلىرىنىڭ قار، يامغۇر ۋە قار ئارىلاش يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسا، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا ۋىلايەتلەرنىڭ قۇم بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئىلى ۋادىسىدا ئىككى قېتىم قار كۆچۈش ھادىسىسى يۇ بېرىپ ئاز دېگەندە 200 تۇياق قوي قار ئاستىدا قالغان ۋە قاتناش توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاھالىلەرنى باھارلىق كەلكۈن ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
دەل سۇ پەيتلەردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە بايىنغولىن قاتارلىق ۋىلايەت رايونلىرى قۇم بوراننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. قۇم بوران جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن كۆرۈلۈشكە باشلىغان. شەنبە كۈنى كەچقۇرۇن سائەت 6 گىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا قاتنايدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانلىرى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغان.
