شىنخۇئانىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدىكى 34 بىلىم دەرگاھىغا چەتئەللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بەرگەن بولۇپ، بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چەتئەل پۇقراسىنىڭ سانى 10 مىڭغا يېتىدىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر چەتئەللىكلەر ئەڭ كۆپ مەكتەپلەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ %80 ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر بولۇپ، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تىل ئۆگىنىدۇ.
ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر تىلى، خىتاي تىلى ئۆگىنىدىكەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى بولسا، خىتاي تىلى كەسپى ۋە باشقا ئۆز دۆلەتلىرى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان كەسىپلەرنى ئۆگىنىدىكەن.
ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن بىر قانچە نەپەر چەتئەللىكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىگە رۇخسەت قىلسىمۇ، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خەلقئارا ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە يەرلىك پۇقرالار بىلەن ئارىلىشىشىغا نىسبەتەن سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىكەن.
