خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا قوزغىغان 'قاتتىق زەربە بېرىش' ھەرىكىتىدە 200 دىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىندى

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 11 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىلىدە قوزغىغان 100 كۈنلىك "قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتىدە 260 قا يېقىن كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.

ئەگەر يۇقىرىقى مەلۇماتلار راست بولسا، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل يازدا يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ئېلىپ بارغان رايوندىكى ئەڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ رايوندىكى ۋەقەدىن خەۋەردار يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 1 ‏- نويابىردىن بېرى ئىلى، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدە قولغا ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 257 گە يەتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئاينىڭ 10 ‏- كۈنىدىن 18 ‏- كۈنىگىچە قەشقەردە ئېلىپ بارغان ئاختۇرۇش ھەرىكىتىدە 100 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ئىز ‏- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى، لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ قايسى ئورگانلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى بولسا مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بېيجىڭدا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەكتەپ قوراسىدىن چىقىشىنى، مېھمانخانىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياتاقخانا بېرىشنى ۋە "شىنجاڭ ئىش باشقارمىسى "دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تالاغا چىقىشىنى چەكلىگەن.

دىلشات رىشىت، "قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، بۇ ھەرىكەت يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى قوزغايدىغان ھەم ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىدىغان بىر ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىش بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.