8 - فېۋرال كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى دائىرىلىرى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە "ئويدۇرما تېلېفون ئۇچۇرى تارقاتقان" دېگەن جىنايىي نام بىلەن ئىككى كىشىنى تۇتقان ۋە باشقىلارنى جەمئىيەت ئامانلىقى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان.
خىتاي ئاخباراتلىرى بۇ يىل 26 - يانۋار دا، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ يانفون ئارقىلىق ساختا ئۇچۇر تارقاتقانلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقى ۋە زىيانلىق قىسقا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ جىنايى قىلمىش دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىدا قولغا ئېلىنغان ۋە بىر تەرەپ قىلىنغانلار بەلكىم، 26 - يانۋاردىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىنغانلار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
دىلشات رىشتىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى "ئويدۇرما ئۇچۇر" دېگەن نام بىلەن خەلق ئارىسىدا ئۆز - ئارا ئىشەنمەسلىك، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلاردىن باشقا خەۋەرلەردىن شۈبھىلىنىش تۇيغۇسى شەكىللەندۈرمەكچى.
دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى: "ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئۇسۇل قوللانسا، خەلق ئارىسىدا راست خەۋەرلەرگىمۇ گۇمان بىلەن قارايدىغان خاتا سېزىم پەيدا قىلالايدۇ ۋە ھەر قانداق ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىش مەقسىتىگە ئاسان يېتەلەيدۇ."
خىتاي ھۆكۈمىتى، 2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى چەكلىگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە يانفون ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش مۇلازىمىتى 17 يانۋار ئېسىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما تېلېفون قىسقا ئۇچۇرلىرىغا قارىتا يەنىلا چەكلەيدىغان ھەرخىل بەلگىلىمە ئېلان قىلغان ئىدى.
