تۈزىتىش كىرگۈزۈپ قايتا بېكىتىلگەن مەزكۇر نىزامنامىلار 2009 - يىلى 29 - دېكابىر ئۇيغۇر ئېلىدە چاقىرىلغان "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16 - يىغىنى"دا ماقۇللانغان ئىدى.
بۇ نۆۋەت يولغا قويۇلغان "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامنامىسى" دە، ھەر قانداق ئورگان ۋە شەخسنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ - سۆزلەرنى قىلىشى، تارقىتىشى، توپلىشى، تەمىنلىشى، بېسىشى، ئېلان قىلىشى ياكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى چەكلەنگەن. شۇنىڭدەك يۇقىرىقى قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش چارىسىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن دەپ قارالغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر قانۇننىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى 2009 - يىلى 6 - ئايدا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقىغا تاپشۇرۇلغان. لېكىن ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن دائىرىلەر مەزكۇر قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قۇرۇلتاينىڭ تەستىقىغا قايتا يوللىغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەت يولغا قويغان "جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامنامىسى" ئەسلى 1994 - يىلى يولغا قويۇلغان. ھالبۇكى نىزامنامە1997 - يىلدىكى 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن بىر قېتىم ئۆزگەرتىلىپ 8 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 13 - يىغىندا قايتا ماقۇللانغان. بۇ نىزامنامە يەنە 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىلىپ 2009 - يىلى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 15 - يىغىنىدا تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.
بۇ نۆۋەت جەمئىيەت ئامانلىقى نىزامنامىسىغا يېڭىدىن قوشۇلغان ماددىلار بولسا، پۇقرالارغا ئىنقىلابى قۇربانلىق شەرىپى بېرىش بەلگىلىمىسىدۇر. بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: "ئەگەر، پۇقرالار جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلار بىلەن كۈرەش قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇلارغا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئىنقىلابى قۇربانلىق نامى بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى نەپىقە بىلەن تەمىنلىنىدۇ."
